admin';?>

باش بەت / html

گىتلىر نىمە ئۇچۈن سوۋېت ئىتتىپاق

By admin •  2026-02-25 21:52:43 •  كۆرۈلىشى12
1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادولف گىتلېر بەش مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى توپلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلدى. بۇ بەش مىليون ئەسكەر ئىچىدە پەقەت تۆت مىليونىلا گېرمانىيە ئەسكىرى بولۇپ قالغان بىر مىليون بەش يۈز مىڭ ئەسكەر ئىتالىيە، رۇمىنىيە، ۋىنگىرىيە قاتارلىق گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىشى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىلنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتكەن بولۇپ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئەنگلىيە بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشىدا يالغۇز قالمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا ئەنگىلىيىمۇ گېرمانىيەنىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قېلىپ ئېغىر ھالسىرىغانىدى. ئۇنداقتا شۇنچە زور ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقان گىتلېر نېمە ئۈچۈن ئەنگىلىيەنى بىراقلا يۇتۇۋالماي يېرىم يولدا قايتىپ قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۈرۈش قىلغان؟
بىرىنچى :  ئەنگلىيە دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە بولۇپ گېرمانىيەنىڭ تانكا قىسمى بۇ ئارال دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىشقا ماس كەلمەيتتى.1939-يىلى گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئوتتۇرىدىكى پولشانى قىسىشقا باشلىدى. شۇ چاغدا پولشا نامدا ئەنگلىيە فىرانسىيەلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغاچقا گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئامالسىز گېرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن شۇ چاغدا گېرمانىيە قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن بولغاچقا ھېچقانداق چەكلىمىسىزلا غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقانداق دۆلەتكە كۈچى يېتەتتى، شۇ چاغلاردا گېرمانىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ نەچچە ئاي ئىچىدىلا گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى مۇنقەرز قىلغانىدى. تېخىچىلا ناپولىئون دەۋرىدىكى شانلىق سەلتەنىتىدىن مەست بولۇپ يۈرگەن فىرانسىيەمۇ شۇ چاغدا ئۆزىنى ياۋروپادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت دەپ ھېسابلاپ يۈرەتتى، لېكىن گېرمانىيەنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئاستىدا ئۇمۇ پەقەت 40 نەچچە كۈنلا بەرداشلىق بېرەلىدى. فىرانسىيەمۇ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا پەقەت دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئەنگىلىيىلا قالدى. ئەنگلىيە بىر ئارال دۆلىتى بولغاچقا گېرمانىيەنىڭ ئەۋزەللىكى دەپ قارالغان تانكا قىسمى ھۇجۇم قىلىشقا ئامال قىلالمىدى. گەرچە ئىنگلىز بوغۇزى ئىنتايىن تار بولسىمۇ لېكىن تانكا ئەمەس سۇ قۇرۇقلۇقتا تەڭ ئىشلەيدىغان بىرونىۋىكلارمۇ بۇ بوغۇزدىن ئەسلا ئۆتەلمەيتتى. شۇنداق بولغاندا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تانكا قىسمىنىڭ ھىمايىسى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىگە تەڭ كېلەلىشى تەسكە چۈشەتتى.ئەنگلىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى تارىختىن بۇيانلا كۈچلۈك بولۇپ ھېچقانداق بىر ئارمىيە بۇ «كۈن پاتماس ئىمپىرىيە»نىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە تەڭ كېلەلمەيتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى گەرچە كۈچلۈك بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رەقىبى ئەمەس ئىدى. ھاۋا ئارمىيەسى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە يەتمەيتتى. گېرمانىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى بومباردىمانى ئانچە ئۈنۈم بەرمىدى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئەنگلىيەگە تەڭ كېلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا گىتلېر ئاخىرى ئەنگلىيەگە ئومۇميۈزلۈك قامال يۈرگۈزۈشنى لايىق تاپتى. ئەنگىلىيە بىر كىچىك ئارال دۆلەت بولغاچقا ئۇنى قامال قىلىۋېلىش ھەر ھالدا خېلى ئاقىلانە قارار بولۇپ ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى كېمىلىرى ئەنگىلىيەنى  قامال قىلىشقا باشلىدى، ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىللەردە ئەنگىلىيەنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىغان ئاشلىقلىرى پەقەت 10 كۈنگە يەتكۈچىلىكلا قالدى، بۇنىڭ بىلەن چېرچىلنىڭ ئىچى تىتىلداشقا باشلىدى. لېكىن بۇ چاغدا ئامېرىكا پايدا زىياننى ئوبدان دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە ياردەم قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بەلگىلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلدى، بۇ گىتلېرنى بىئارام قىلىپ قويدى. شۇ چاغدا ئامېرىكا گېرمانىيە پۈتۈن ياۋروپانى ئىشغال قىلسا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە ياردەم قىلىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ قويماقچى بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئامېرىكا ھازىرغىچە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىدى.ئىككىنچى :  تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە مەنبەگە ئېرىشىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۈرۈش قىلغان.ئامېرىكا ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى، گېرمانىيەمۇ بۇ چاغدا تېخى ئامېرىكىنىڭ چىشىغا تىگەلمەيتتى. گېرمانىيە ئەنگىلىيەنى قامال قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەنگىلىيەگە بارىدىغان سودا كېمىلىرىنى قوغداپ مېڭىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ گىتلېرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە يەنىلا باشقا ئامال قىلالمىدى. ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشىلىنىپ قالدى ھەمدە گېرمانىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تىركىشىپ تۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. لېكىن گېرمانىيە ئۇنداق قىلالمايتتى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان ئامېرىكىدەك كۈچلۈك دۆلەت يوق بولۇپ گېرمانىيەنىڭمۇ ئۇرۇش سېلىنمىسى ئاران-ئارانلا يېتىشەتتى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىپ تۇرۇشقا ماجالى يەتمەيتتى. بۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىزىقىپ قالدى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېرى كەڭ بايلىقى مول بولۇپ بۇ دەل گېرمانىيە ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئىدى. گىتلېر ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا قىسمىنى ئىگىلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىر ئۈچىنچى قاتاردىكى كىچىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقچى بولدى، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مول بايلىقتىن پايدىلىنىپ ئەنگلىيەگە يۈرۈش قىلماقچى بولدى، بۇ چاغدا ھەتتا ئامېرىكا ئۇرۇشقا ئارىلاشقان تەقدىردىمۇ گېرمانىيە قورقۇپ قالمايتتى، چۈنكى گەرچە ئامېرىكا ھەربىي سانائەت ۋە بايلىق جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش قىلىشتا ئامېرىكا ئارمىيەسى گېرمانىيە ئارمىيەسىگە رەقىب بولالمايتتى.ئۈچىنچى :  سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىقشۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ستالىن بۇ چاغدا تەلۋىلەرچە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى ۋە قوماندانلىرىنى قىرغىن قىلىۋاتاتتى. شۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بەش چوڭ مارشالنىڭ ئۈچى، 17 گورپۇۋاي كوماندىرىنىڭ 16سى، 67 كورپۇس كوماندىرىنىڭ 60ى، 180 دىۋىزىيە كوماندىرىنىڭ 137سى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەنلەر بولسا «ستالىن ياشىسۇن» دەپ توۋلاشتىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيتتى. شۇ چاغلاردا بولغان خالقا دەرياسى ئۇرۇشى، پولشا ئۇرۇشى ۋە سوۋىت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى قاتارلىقلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭگىۋارلىقىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈلكىسىگە قالغانىدى. 1941-يىلى 5-ئايدىكى ھەربىي پاراتتا تەكلىپكە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان گېرمانىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ قارىماققا ناھايىتى زور بولغىنى بىلەن لېكىن قورال-ياراغلىرى ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ ناھايىتى قالاق ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى. گېرمانىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى شۇ چاغدا گېرمانىيەنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى غۇلىتالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.تۆتىنچى :  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى گېرمانىيەگە ياخشى پۇرسەت بەرگەن ئىدى«سوۋىت-گېرمانىيە ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىزچىل تۈردە گېرمانىيەنى ئاشلىق ۋە باشقا بايلىقلار بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. گېرمانىيەنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىقى قەتئىي يېتىشمەيدىغان بولۇپ غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغاندا ئاساسەن دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن ئاشلىق ۋە نېفىتكە تايانغانىدى. گەرچە شۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەنىڭ ھامان بىر كۈنى نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ سوۋېتتىن يۈز ئۆرۈيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن گېرمانىيەنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىشغال قىلماي تۇرۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنىدى. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىر نەچچە قېتىم بۇ توغرىلىق مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ لېكىن بۇنى ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇشتا يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىمۇ سۇغا تارتىپ چۈشۈرمەكچى بولغان دەپ تەھلىل قىلىشقان ئىدى. گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، يەنى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەگە 15مىڭ توننا بۇغداي ئېكسپورت قىلغان ئىدى. گېرمانىيە ھېچقانداق شەپىسىزلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلدى، بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېھتىيات ھالىتىدە بولغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ تاكى سىتالىنگىرادقىچە يول بويى چېكىنىپ ماڭغان ئىدى.
0 دانە ئىنكاس| تاكى 2026-02-26 00:41ئىنكاس يېزىش

جاۋاپ قايتۇرۇش

كىرىشيوللاش or تېخى ئەزا بولمىغانمۇ?تېزدىن ئەزا بولۇڭئەزا بولۇش


سىز تېخى كىرمەپسىز!

 

سەھىپىلەر

توربەت

html  



ئېلان

ئېلان-一ئېلان